ژورنىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ

«ئۇيغۇرلارغا نەزەر» مۇشتەرىلىك تۈرلىرى

  • قوللاش مۇشتەرىلىكى 1 30 € (يىللىق)
  • قوللاش مۇشتەرىلىكى 2 50 €(يىللىق)
  • قوللاش مۇشتەرىلىكى 3 100 ي€(يىللىق)
  • فىرانسىيە ئاددى مۇشتەرىلىك 15,90€
  • ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاددى مۇشتەرىلىكى 19,90€
  • باشقا دۆلەتلەر ئاددى مۇشتەرىلىكى 25,90€
  • مۇشتەرىلىك ۋە ئوغۇز ئەزالىقى 25,90€

مۇشتەرىلىك تۈرىڭىزنى تاللاڭ
isim famile we télifon nomur:
toluq adiris:

ئەسكەرتىش: ئىسىم فامىلە ۋە ئادىرسىڭىزنى تۇرغان دۆلەت تەۋەلىكىڭىزنىڭ يېزىقىدا تولدۇرۇڭ.

ئەزىز مۇشتەرىمىز، «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژورنىلىمىز يېڭىلاندى!


2015 - يىلدىن باشلاپ، ژورنىلىمىز ئەسلىدىكى پەسىللىك سۈپىتىدىن يېرىم يىللىق ژورنال ھالىتىگە ئۆزگىرىدۇ. كېلەركى سانىمىز ئىيۇندا، ئالتىنچى سانىمىز بولسا دېكابىردا چىقىدۇ. پەسىلدە بىر سان چىقىدىغان بۇ رېتىمدىن ۋاز كەچكىنىمىز پەقەت بۇ رېتىمنى دۋاملاشتۇرۇشنىڭ قىيىن بولغىنىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە سىزگە تېخىمۇ ياخشى ۋە مول مەزمۇنلارنى تەقدىم ئېتىشىمىز ئۈچۈندۇر. شۇنداق قىلىپ، بۇ يىلدىن ئېتىبارەن، «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچىدىن ئىبارەت ئىككىلا قىسمىدىكى ئەسلىدىكى ھەر بىر سەھىپە سانى كۆپەيتىلىپلا قالماستىن، يەنە يېڭىدىن سەھىپىلەرمۇ قوشۇلۇپ، 60 بەتلىك يىرىك ئىلمى ئاخبارات شەكلىدە قولىڭىرغا تېگىدۇ. ئەگەر 4-سان بىلەن بىر يىللىق مۇشتەرىلىكىڭىز تۈگىمىگەن بولسا، ئەسلىدە كېلىشكەندەك، تاكى تۆت سان قولىڭىزغا تولۇق تەگكەنگە قەدەر، كونا مۇشتەرىلىكىڭىز داۋاملىشىدۇ. ئەگەر سىز تۇنجى سانىدىن بېرى مۇشتەرى بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا قولىڭىزدىكى بۇ سان بىلەن بىر يىللىق مۇشتەرىلىكىڭىز ئاخىرلىشىدۇ. شۇنداقتا، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بۇ يىل بېشىدىن ئېتىبارەن قايتىدىن ژورنىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇپ، يېڭى ھالەت، يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ھوزۇر ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. مۇشتەرى بولۇش ئۈچۈن، ئەگەر فىرانسىيەدە بولسىڭىز، بۇ بەتنىڭ ئاستىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇپ، چېكىڭىزنى ئوغۇز ئۇيۇشمىسىغا قارىتىپ تولدۇرۇپ، جەدۋەل بىلەن قوشۇپ، كۆرسىتىلگەن ئادېرىسقا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر فىرانسىيە سىرتىدا بولسىڭىز، تور بېتىمىزگە كىرىپ، پېيپال سېستىمىسى ئارقىلىق بېجىرسىڭىز بولىدۇ. بۇ مۇشەققەتلىك ئەمما كۆڭۈللۈك يولدا بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن چەكسىز تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئەسلىدىكى بىر چۈش كەبى ئارزۇيىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىپلا قالماي، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈنسېرى زورىيىپ، بۈگۈنكىدەك فىرانسىيەنىڭ رەسمى ئورگانلىرىدا قويۇلىدىغان ئىلمى ژورنال ھالىتىگە كېلىشىدە سىزنىڭمۇ تۆھپىڭىز باردۇر. ژورنال گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر ۋە ئاپتورلار خالىس خادىملار بولۇپ، بىزنى تاشلىماي كېلىۋاتقان سىزگە ئوخشاش ئوت يۈرەك ئوقۇرمەنلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، چەتئەلدىكى تۇنجى ئۇيغۇرشۇناسلىق قوش تىللىق بۇ ژورنال بارغانسېرى تاكامۇللىشىۋاتىدۇ.