ئويۇشما ھەققىدە

مەزكۇر ئۇيۇشما، دىنى خارەكتېرسىز، تەشكىلاتسىز، سىياسى تۈس ئالمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بولۇپ، ئوغۇز نامىدا 2009 - يىلى 11- ئايدا پارىژدا قۇرۇلدى.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىش ئىستىكىنىڭ ئېشىشى بىلەن، سانى يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ 400 دىن ئاشقانلىقى تۇرتكىسى ئاساسىدا، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى جەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمى ۋە مەدىنى پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغان بىر ئۇيۇشما قۇرۇش زۆرۇر بولدى ۋە بۇ ۋەجىدىن ئوغۇز مەيدانغا كەلدى.

ئۇيۇشما پىرىنسىپى:

  • فرانسىيەدە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى جەم قىلىپ، مەدىنىي ۋە ساغلاملىق (تەنتەربىيە) پائالىيەتلىنى ئۇيۇشتۇرۇش
  • كونا-يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، فىرانسىيەدە ئوقۇش، ئۈگۈنۈش ئىشلىرىغا قولايلىقلار يارىتىش؛
  • فرانسىيەدىكى ئوقوغۇچىلار ئىمتىيازلىرىدىن ئۇچۇر بېرىش
  • ئۆز-ئارا ياردەم ئارقىلىق، فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار ئارىسىدىكى بۇرادەرلىك، قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئىلمى، كەسپى، ۋە ئىجتىمائى ئىشلاردىكى ياردەملەرنى ئاساس قىلىش.
  • مەدەنىيەت كۈنلىكى، ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە مۇنازىرىلەرنى باشقا مەدىنى ۋە ئىلمى مەركەزلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ فرانسىيەدە تونۇلۇشى ۋە تارقىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش
  • فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فرانسۇز تىلىنىڭ تارقىلىشىغا ياراتقان ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، فرانسۇزچە-ئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈش كىتاپ، دەرىسلىك ۋە لوغەت قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە نەشىر قىلدۇرۇش
  • تىل ئۈگۈنۈش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش